سۈرە 30 · پارە 21

سورة الروم · 30:23

وَمِنْ آيَاتِهِ مَنَامُكُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَابْتِغَاؤُكُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ

سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) اﷲ نىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار

تەپسىر

ئىشلەپ چارچىغانلىقتىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىدە ھەم كۈندۈزدە ئۇخلىشىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىپ كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئويلىنىپ، قوبۇل قىلىش مەقسىتىدە ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ