سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:22
وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِلْعَالِمِينَ
اﷲ نىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
تەپسىر
ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنى ۋە رەڭلىرىڭلارنى خىلمۇخىل قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئىلىم ۋە پاراسەت ئىگىلىرى ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ