سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:21
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (اﷲ نىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
تەپسىر
ئەي ئەرلەر! ئەنە شۇنىڭدەك، ئاراڭلاردىكى ئوخشاشلىق تۈپەيلىدىن كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاياللىرىڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئاراڭلاردا مېھىر - مۇھەببەت پەيدا قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەردىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىل - پاكىتلار بار، چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشقا سېلىپ پايدىلىنالايدىغانلاردۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ