سۈرە 30 · پارە 21

سورة الروم · 30:20

وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ إِذَا أَنْتُمْ بَشَرٌ تَنْتَشِرُونَ

اﷲ نىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئاتاڭلارنى لايدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇركى، ئاندىن سىلەر نەسىل قالدۇرۇش ئارقىلىق كۆپىيىدىغان، يەر يۈزىنىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىگە تارقالغان ئىنسان بولدۇڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ