سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:19
يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَيُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ وَكَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
اﷲ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر
تەپسىر
ئاللاھ تائالا جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىدۇكى، بۇنىڭ مىسالى، ئىنساننى ئابى مەنىيدىن، چۈجىنى تۇخۇمدىن چىقارغانلىقىدۇر. جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىدۇكى، بۇنىڭ مىسالى، ئابى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقارغانلىقىدۇر. زېمىننى قۇرۇپ كەتكىنىدىن كېيىن يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جانلاندۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرمۇ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرەڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ