سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:25
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ تَقُومَ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ بِأَمْرِهِ ۚ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمْ دَعْوَةً مِنَ الْأَرْضِ إِذَا أَنْتُمْ تَخْرُجُونَ
اﷲ نىڭ ئاسمان زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن اﷲ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر
تەپسىر
ئاسماننىڭ چۈشۈپ كەتمەي، زېمىننىڭ يىمىرىلمەي ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز جايىدا تۇرغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ئاندىن ئاللاھ پەرىشتىنىڭ سۈر چېلىشى بىلەن سىلەرنى زېمىندىن چاقىرغان ۋاقىتتا سىلەر ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىڭلاردىن چىقىسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ