سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:186

۞ لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ

سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا اﷲ تىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر

تەپسىر

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلاردا پەرز قىلىنغان ھەق-ھوقۇقنى ئادا قىلىش بىلەن ۋە ئۇنىڭغا كەلگەن بالا-مۇسىيبەت بىلەن ئىمتىھان قىلىنىسىلەر، جانلىرىڭلاردا شەرىئەت بەلگىلىمىسىنى ئورۇنلاش ۋە سىلەرگە يەتكەن تۈرلۈك بالا-قازالار بىلەن سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە مۇشرىكلاردىن سىلەرنى غەمكىن قىلىدىغان ۋە دىنىڭلارغا تەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئەزىيەتلەرنى ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سىلەرگە يەتكەن بۇ تۈرلۈك مۇسىيبەت ۋە سىناقلارغا سەۋىر قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىسىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغان بولىسىلەر، ماھىيەتتە بۇ كەسكىن ئىرادىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىشلار بولۇپ، بەسلىشىدىغانلار بۇ ئىشتا بەسلىشىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ