سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:185
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۖ فَمَنْ زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَأُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ ۗ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ
ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)
تەپسىر
ھەرقانداق جان ئىگىسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى نەرسىلەر ئۇنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويمىسۇن، قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى كەمەيتىلمەستىن تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ كىمنى دوزاختىن يىراق قىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزىدىكەن، ئۇ كىشى ياخشىلىقتىن ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىپ، يامانلىقتىن قورقىدىغان نەرسىسىدىن قۇتىلىدۇ. دۇنيا ھاياتى بولسا يوقالغۇچى نەرسىدۇر، بۇنىڭغا پەقەت ئالدانغان كىشىلەرلا يېپىشىۋالىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ