سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:187
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا، اﷲ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان!
تەپسىر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ يەھۇدىي-ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابنىڭ مۆللىلىرىدىن: ئاللاھنىڭ كىتابىنى كىشىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىش، ئۇنىڭدىكى ھىدايەت ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنى يوشۇرماسلىق توغرىسىدا چىن ئەھدە ئالغان، لېكىن ئۇلار ئەھدىنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ باتىلنى ئاشكارا قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى يۈز-ئابرۇي ۋە ئېرىشكەن ئازغىنە دۇنيانىڭ يوقالغۇچى نەرسىلىرىگە ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە تېگىشىپ ئالغان قىممەتسىز نەرسىسى نېمىدېگەن يامان!.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ