سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:179

مَا كَانَ اللَّهُ لِيَذَرَ الْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَجْتَبِي مِنْ رُسُلِهِ مَنْ يَشَاءُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا فَلَكُمْ أَجْرٌ عَظِيمٌ

اﷲ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغۇچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. اﷲ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋە لېكىن اﷲ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر

تەپسىر

ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنى مۇناپىقلار بىلەن ئارىلاش ھالەتتە، سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىماي، يەنى ھەقىقى مۆئمىننى تاللىماي قويمايدۇ، ھەتتا تۈرلۈك ئەمەللەرگە بۇيرۇش ۋە سىناش ئارقىلىق ھەقىقى مۆئمىن ئىپلاس مۇناپىقتىن ئايرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنىڭ مۆئمىنلەر بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە غەيىبنى بىلدۈرمىدى، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىنى تاللايدۇ، خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەزى مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ بەزى غەيب ئىشلاردىن خەۋەردار قىىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان ئىمانىڭلارنى نامايەندە قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ھەقىقى ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلساڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ