سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:178

وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِأَنْفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ

كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

تەپسىر

پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە گەردەنكەشلىك قىلغان بەدبەختلەر ئۆزلىرىنىڭ كۇپىر ئەمەللىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ياشىشى ۋە جازالانماستىن تۇرىۋىرىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقنى كۆپ قىلىش بىلەن خاتالىق ئۈستىگە خاتالىقنى زىيادە قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىمىز، ئۇلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ