سۈرە 3 · پارە 4
سورة آل عمران · 3:180
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَهُمْ ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
اﷲ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل - مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). اﷲ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
تەپسىر
ئاللاھ ئاتا قىلغان پەزلى-نېئمەتتىن مەنپەئەتلىنىپ، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ بېخىللىقىنى ياخشى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، بەلكى ئۇ بېخىللىق ئۇلارغا زىيانلىقتۇر، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بېخىللىق قىلغان نەرسە قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق بولۇپ سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئازابلىنىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ بولۇپ، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوقالغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھ ھەمىشە ھاياتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىڭلاردىن تارتىپ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەلگە ئاساسەن جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ