سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:155

إِنَّ الَّذِينَ تَوَلَّوْا مِنْكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ إِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّيْطَانُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا ۖ وَلَقَدْ عَفَا اللَّهُ عَنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ

ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئورۇندى؛ اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

تەپسىر

ئى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى! ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى ئوھۇد كۈنىدە ئۇچراشقاندا سىلەردىن مەغلۇپ بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن شەيتان ئۇلارنى توغرا يولدىن چەتنەتتۈرگەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جازالىمىدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر. ھەلىملىك سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ