سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:154

ثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِنْكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ

غەمدىن كېيىن اﷲ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، اﷲ قا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە اﷲ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتىقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرەلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (اﷲ نىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. اﷲ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»

تەپسىر

دەرت-ئەلەم، قېيىنچىلىقتىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بىر جامائەتنى دىللىرىدىكى خاتىرجەملىك ۋە ئارامدىللىق سەۋەبىدىن مۈگە باستى، يەنە بىر جامائەتكە خاتىرجەملىك ۋە مۈگە كەلمىدى، ئۇلار مۇناپىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ بىردىن بىر غەم قىلىدىغىنى جېنىنىڭ سالامەت قىلىشى ئىدى، شۇڭا ئۇلار قورقۇنچ ۋە ئارامسىزلىق ئېچىدە ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىپ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمەيدۇ ۋە مۆئمىن بەندىلىرىنى كۈچلاندۇرمايدۇ دەپ جاھىلىيەت ئەھلىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھەقىقى ئۇلۇغلۇقى ۋە شانۇ-شەۋكىتىنى بىلمىدى، ئاشۇ مۇناپىقلار ئاللاھقا بولغان جاھىللىقى سەۋەبىدىن: ئۇرۇشقا چېقىش ئىشىدا بىزنىڭ پىكرىمىز قوبۇل قىلىنغان بولسا ئىدى، بىز جەڭگە چىقمىغان بولاتتۇق دېدى. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ خالىغانچە تەقدىر قىلىدۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، سىلەرنىڭ ئۇرۇشقا چېقىشىڭلارنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان، ئاشۇ مۇناپىقلار قورققانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى شەك-شۈبھە ۋە يامان گۇمانلىرىنى ساڭا ئاشكارا قىلالمايدۇ، ئۇلار: ئۇرۇشقا چېقىش بىزنىڭ پىكرىمىز بىلەن بولغاندا بىز بۇ جايدا ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: گەرچە سىلەر ئۆيۈڭلارغا مۆكۈنىۋىلىپ ئۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ئۆلۈمدىن يىراق بولساڭلارمۇ، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەردىن بېرىڭلارغا ئۆلۈمنى پۈتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغان ئورنىغا چىققان بولاتتى، بۇنى ئاللاھ سىلەرگە پەقەت سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىكى نىيەت-مەقسىدىڭلارنى سىناش ۋە ئۇنىڭدىكى ئىمان بىلەن كۇپىرنى ئايرىش ئۈچۈن تەقدىر قىلدى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكى نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ