سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:153

۞ إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ

ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى اﷲ نىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). اﷲ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

تەپسىر

ئى مۆمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئوھۇد مەيدانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان ۋاقتىڭلاردا يىراققا قاچتىڭلار، سىلەردىن ھېچ بىرىڭلار يەنە بىرىگە قارىيالمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئالدى تەرىپىدە تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار دەيتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى غەلبە-نۇسرەت، غەنىمەتنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت دەرت-ئەلەم ۋە قېيىنچىلىق بىلەن جازالىدى، بۇنىڭغا قېتىلىپ ئاراڭلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى دېگەن خەۋەر تارقالدى، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى سىلەرنىڭ غەلبە ۋە غەنىمەتتىن يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرلمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىق بارلىق مۇسىبەت، دەرت-ئەلەملەر ئاددى بىلىندى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭلار ۋە قەلبىڭلاردىكى ھېچ بىر ئىش ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ