سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:152

وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُمْ بِإِذْنِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا أَرَاكُمْ مَا تُحِبُّونَ ۚ مِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنْكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ

اﷲ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، اﷲ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن اﷲ سىناش ئۈچۈن سىلەردىن دۈشمەننى قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. اﷲ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

ئۇھۇد كۈنىدە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلارغا قارشى قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىدىڭلار، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ مىدىرلىماي تۇرۇشىڭلارنى بۇيرىغان ئورۇندىن بوشاشقان ۋاقىتتا، ئاجىزلىشىپ قالدىڭلار، ئورنۇڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇش ياكى ئورۇننى تاشلاپ غەنىمەت توپلاش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىشتىڭلار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ھالەتتە ئورنۇڭلاردىن تەۋرەنمەڭلار دېگەن بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار، بۇ ۋەقە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشتىن ئىبارەت سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى كۆرگەندىن كېيىن يۈز بەردى، سىلەردىن دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئورنىنى تەرك قىلدى، سىلەردىن ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى مەخسەت قىلغۇچىلار بار، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇردى، ئاندىن ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى ئۆزگەرتتى، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كاپىرلارنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بالا-مۇسىيبەت يەتكەندە بوشىشىپ، ھەق يولدىن تېيىلىپ كېتىدىغان مۇئمىنلار بىلەن، تالاپەت يەتكەندە سەۋىر قىلىدىغان ھەقىقى مۇئمىنلەر ئاشكارا بولدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىشتا كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە مۇسىيبەتلىرىگە ساۋاپ بەرگۈچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ