سۈرە 3 · پارە 4

سورة آل عمران · 3:156

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا وَقَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا فِي الْأَرْضِ أَوْ كَانُوا غُزًّى لَوْ كَانُوا عِنْدَنَا مَا مَاتُوا وَمَا قُتِلُوا لِيَجْعَلَ اللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، اﷲ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۇناپىقلاردىن بولغان كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، ئۇلار رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ياكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلىش ئۈچۈن چىققاندا ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە: ئەگەر ئۇلار سەپەرگە ياكى ئۇرۇشقا چىقماي بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرغان بولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيتتى، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملەرنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ئېتىقادنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا سالدى، ئاللاھ ئۆزى يالغۇز ئۆزىنىڭ خالىشى بىلەن ئۆلتۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى جىھادقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرغۇچى كېچىكتۈرەلمىگەندەك، جىھادقا چىققۇچىمۇ ئىلگىرى قىلالمايدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ