سۈرە 29 · پارە 21

سورة العنكبوت · 29:46

۞ وَلَا تُجَادِلُوا أَهْلَ الْكِتَابِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ ۖ وَقُولُوا آمَنَّا بِالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَأُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمْ وَاحِدٌ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ

ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز اﷲ قا بويسۇنغۇچىلارمىز»

تەپسىر

ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن گۈزەل ئۇسلۇب ۋە ئۈلگىلىك رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلاركى، ئۇ بولسا ۋەز - نەسىھەت ۋە روشەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دەۋەت قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەركەشلىك ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار ۋە سىلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. تاكى ئۇلار مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر ياكى بويسۇنۇپ جىزىيە بەرگەنگە قەدەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئېيتىڭلاركى، بىز ئاللاھ بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرگە نازىل قىلىنغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغىمۇ ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىلەن سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا ۋە مۇكەممەللىكىدە تەڭدىشى يوق، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇپ، باش ئەگكۈچىلەرمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ