سۈرە 29 · پارە 20

سورة العنكبوت · 29:45

اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ ۖ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، اﷲ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، اﷲ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئوقۇپ بەرگىن، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن. شەكسىزكى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىنغان ناماز ئىگىسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن توسىدۇ. چۈنكى بۇنداق ناماز قەلبلەردە نۇر پەيدا قىلىدۇكى، ئۇ نۇر گۇناھلاردىن توسۇپ، ياخشى ئەمەللەرگە يېتەكلەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھنى ئەسلەش ھەر قانداق ئەمەلدىن چوڭ ھەم كاتتىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ، يەنى ئەمىلىڭلار ياخشى بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر، يامان بولسا جازاغا تارتىلىسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ