سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:89

أَفَلَا يَرَوْنَ أَلَّا يَرْجِعُ إِلَيْهِمْ قَوْلًا وَلَا يَمْلِكُ لَهُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا

ئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟

تەپسىر

موزاينىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلار ئۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆز قىلالمايدىغانلىقى، سۆزلىرىگە جاۋاپمۇ بېرەلمەيدىغانلىقى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بىرەر زىياننى توسالمايدىغانلىقى ۋە ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ ھېچ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ!؟.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ