سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:88

فَأَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ فَقَالُوا هَٰذَا إِلَٰهُكُمْ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ

سامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇزىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)»

تەپسىر

سامىرى ئۇلارغا ئاشۇ زىبۇ-زىنەتلەردىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئۈچۈن جانسىز بىر موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بەردى، ئۇنىڭدىن كالىنىڭ مۆرىگىنىگە ئوخشاش ئاۋاز چېقاتتى، سامىرىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن پىتنىگە چۈشۈپ ئېزىپ كەتكەنلەر: بۇ سىلەرنىڭ ۋە مۇسانىڭ ئىلاھى، مۇسا ئۇنتۇپ قىلىپ ئىلاھىنى بۇيەردە قويۇپ كەتتى، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ