سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:87
قَالُوا مَا أَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلْنَا أَوْزَارًا مِنْ زِينَةِ الْقَوْمِ فَقَذَفْنَاهَا فَكَذَٰلِكَ أَلْقَى السَّامِرِيُّ
ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇزىننەتلىرىنى) تاشلىدى»
تەپسىر
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى: ئى مۇسا! بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئىختىيارلىقىمىز بىلەن خىلاپلىق قىلمىدۇق بەلكى مەجبۇر قالدۇق، ھەقىقەتەن بىزنى بۇنداق قىلىشقا پىرئەۋن قەۋمىدىن ئالغان زىبۇ-زىنەتلەر تۈرتكە بولدى. سامىرىي ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىنىڭ تۇۋۇقىدىن ئالغان توپىنى ئازگالغا تاشلىغاندەك، بىزمۇ ئۇنىڭدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى بىر ئازگالغا تاشلىدۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ