سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:86

فَرَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ الْعَهْدُ أَمْ أَرَدْتُمْ أَنْ يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُمْ مَوْعِدِي

مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»

تەپسىر

مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇلارغا قايغۇرۇپ قايتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ئى قەۋم! ئاللاھ سىلەرگە تەۋراتنى نازىل قىلىپ، سىلەرنى جەننەتكە كېرگۈزۈش بىلەن چىرايلىق ۋەدە قىلمىدىمۇ ياكى سىلەر ۋەدىنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتىمۇ!؟ ياكى سىلەر مۇشۇ قىلمىشىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى ۋە ئازابى چۈشۈشنى خالامسىلەر؟. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مەن قايتىپ كېلىپ بولغۇچە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ تائىتىدە مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئىبارەت ماڭا .بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ