سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:90
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَارُونُ مِنْ قَبْلُ يَا قَوْمِ إِنَّمَا فُتِنْتُمْ بِهِ ۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ الرَّحْمَٰنُ فَاتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوا أَمْرِي
شەك - شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك اﷲ دۇر، ماڭا بوي سۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرىقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى
تەپسىر
شەكسىزكى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھارۇن ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئالتۇندىن موزاي ياساش ۋە ئۇنىڭ مۆرىشى پەقەت سىلەرنى سىناش ۋە كاپىردىن مۆئمىننى ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك زاتتۇر. سىلەرگە مەرھەمەت قىلىش تۈگۈل پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان موزاي قانداقمۇ ئىلاھ بولىدۇ؟، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا ماڭىلا ئەگىشىڭلار. ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىش بىلەن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ