سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:72
قَالُوا لَنْ نُؤْثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَاءَنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالَّذِي فَطَرَنَا ۖ فَاقْضِ مَا أَنْتَ قَاضٍ ۖ إِنَّمَا تَقْضِي هَٰذِهِ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن اﷲ نى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ
تەپسىر
سېھرىگەرلەر پىرئەۋنغا: ئى پىرئەۋن! بىز ھەرگىزمۇ ساڭا ئەگىشىشنى تاللاپ، بىزگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىزنى ياراتقان ئاللاھقا ئەگىشىشنى تەرك قىلمايمىز. بىزنى نېمە قىلساڭ قىلغىن، پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايسەن، ئاندىن سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق بولىدۇ، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ