سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:71

قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِي جُذُوعِ النَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَا أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ

پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ - چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»

تەپسىر

پىرئەۋن سېھرىگەرلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارغا تەھدىد قېلىپ: مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ ئى سېھرىگەرلەر! ھەقىقەتەن مۇسا سىلەرگە سېھرى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، سىلەردىن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپتىن قول-پۇتۇڭلارنى چوقۇم كېسىپ تاشلايمەن. سىلەرنىڭ بەدەنلىرىڭلارنى سىلەر ئۆلگەنگە قەدەر خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن. سىلەر باشقىلارغا ئىبرەت بولىسىلەر، شۇ ۋاقىتتا قايسىمىزنىڭ ئازابى كۈچلۈك ۋە داۋاملاشقۇچى ئىكەنلىكىنى يەنى مېنىڭ ئازابىممۇ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىسىلەر!؟، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ