سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:70

فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ هَارُونَ وَمُوسَىٰ

(مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى

تەپسىر

مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى تاشلىغان ئېدى، ھاسا يىلانغا ئايلىنىپ ئۇلارنىڭ سېھىرلىرىنى يۈتىۋەتتى، سېھرىگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ سېھىر ئەمەس، شەكسىز ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئاللاھقا سەجدە قىلىپ: بىز مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۇق دېيىشتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ