سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:73

إِنَّا آمَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغْفِرَ لَنَا خَطَايَانَا وَمَا أَكْرَهْتَنَا عَلَيْهِ مِنَ السِّحْرِ ۗ وَاللَّهُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ

بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، اﷲ نىڭ (ساۋابىنى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ اﷲ نىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»

تەپسىر

بىز پەرۋەردىگارىمىزغا بىزنىڭ ئىلگىرى سادىر قىلغان كۇپىر ۋە باشقا گۇناھلىرىمىزنى ۋە سېنىڭ بىزنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى يېڭىۋىلىش ئۈچۈن ئۈگىنىشكە ۋە مەشىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان سېھرىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلسۇن دەپ ئىمان ئېيتتۇق. ئاللاھنىڭ مۇكاپىتى سېنىڭ ۋەدە قىلغان مۇكاپىتىڭدىن ياخشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئازابى سېنىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان جازالىشىڭدىن قاتتىق ۋە داۋام قىلغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ