سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:134
وَلَوْ أَنَّا أَهْلَكْنَاهُمْ بِعَذَابٍ مِنْ قَبْلِهِ لَقَالُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَذِلَّ وَنَخْزَىٰ
ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگەشتۇق» دەيتتى
تەپسىر
ئەگەر بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىۋاتقان يالغانچى كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ كارپىرلىقى ۋە گەردەنكەشلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىن ۋە كىتاب نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ھالاك قىلساق، ئەلۋەتتە ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئۈزۈر ئېيتىپ: پەرۋەردىگارىمىز! دۇنيادا بىزگە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، سېنىڭ ئازابىڭ سەۋەبىدىن بىزگە خار ۋە زەبۇنلۇق چۈشۈشتىن ئىلگىرى، بىز ئۇ پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىپ ۋە ئىلىپ كەلگەن ئايەتلىرىگە ئەگەشكەن بولاتتۇق دەيتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ