سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:135

قُلْ كُلٌّ مُتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ أَصْحَابُ الصِّرَاطِ السَّوِيِّ وَمَنِ اهْتَدَىٰ

ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»

تەپسىر

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاشۇ يالغانچىلارغا: بىز ۋە سىلەر ھەربىرىمىز ئاللاھدىن ئىشىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتمەكتىمىز. كىم توغرا يول ئىگىسى؟ كىم ھىدايەت تاپقۇچى؟ بىزمۇ ياكى سىلەرمۇ؟ بۇنى چوقۇم بىلىسىلەر، دېگىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ