سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:133

وَقَالُوا لَوْلَا يَأْتِينَا بِآيَةٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ أَوَلَمْ تَأْتِهِمْ بَيِّنَةُ مَا فِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟

تەپسىر

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ئاشۇ يالغانچى كاپىرلار: مۇھەممەد پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن راس پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان بىر مۆجىزە كەلتۈرگەن بولسا! دەيدۇ، ئاشۇ قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىم كەلمىدىمۇ؟.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ