سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:132

وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ

(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر

تەپسىر

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئائىلەڭدىكىلەرنى ۋە ئۈممىتىڭنى ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغىن، سەن بۇنى ئادا قىلىشتا چىدامچان بولغىن، سەندىن ئۆزۇڭ ۋە باشقىلار ئۈچۈن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز، ساڭا رىزىق بېرىشكە بىز كىپىل. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ماختالغۇچى ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھتىن قورقىدىغان تەقۋادارلار ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدۇ ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ