سۈرە 20 · پارە 16
سورة طه · 20:131
وَلَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ زَهْرَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر
تەپسىر
ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىز تۈرلۈك يالغانچى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلىۋاتقان ۋە ئۇلار مەنپەئەتلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ زىننەتلىرىگە قارىمىغىن، بۇ ئۇلارنى سىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئۈچۈن قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالغۇچىدۇر. سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ۋەدە قىلغان سەن رازى بولغۇدەك ساۋابى ئۇلارنىڭ دۇنيادا مەلۇم مۇددەت مەنپەئەتلىنىپ يوق بولىدىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈزۈلمەيدۇ داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ