سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:130

فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا ۖ وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ

ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن

تەپسىر

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! يالغانچىلارنىڭ سېنى باتىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن سۆزلىرىگە سەۋىر قىلغىن. پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە بامدات ۋاقتىدا كۈن چېقىشتىن ئىلگىرى، ئەسىر ۋاقتىدا كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى، شام-خۇپتەن ۋاقتىدا كېچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرى، پېشىن ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئاۋۋالقى قىسمى ئاخىرلىشىپ كۈن ئىگىلگەندە، شام نامىزىدا كۈندۈزنىڭ ئىككىنچى قىسمى تامام بولغاندا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد .قىلىپ تەسبىھ ئېيتقىن

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ