سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:115

وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا

بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق

تەپسىر

بىز ئىلگىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئۇنى بۇنىڭدىن چەكلىدۇق ۋە ئاقىۋېتىنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بەردۇق. ئۇ تەۋسىيەنى ئۇنتۇپ قىلىپ سەۋىر قىلالماستىن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، ئۇنىڭدا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى .مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇستەھكەم چېڭ ئىرادىنى كۆرمىدۇق

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ