سۈرە 20 · پارە 16
رب زدني علما · سورة طه 20:114
فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۗ وَلَا تَعْجَلْ بِالْقُرْآنِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يُقْضَىٰ إِلَيْكَ وَحْيُهُ ۖ وَقُلْ رَبِّ زِدْنِي عِلْمًا
اﷲ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پەتەن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھيىسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغۇچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن
تەپسىر
ئاللاھ تائالا زاتىدا ۋە سۈپىتىدە ئالىدۇر، مۇقەددەستۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ھەممە نەرسىگە ئىگە بولغۇچى ئۆزى ۋە سۆزى ھەق پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇ زات مۈشرىكلار سۈپەتلىگەن بارلىق سۈپەتلەردىن ئالىدۇر ۋە پاكتۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جەبرائىل ساڭا قۇرئان ئوقۇپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇ تولۇق يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى قۇرئاننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇشقا ئالدىرىمىغىن. ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا تەلىم بەرگەن نەرسىدە ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن دېگىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ