سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:113

وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا وَصَرَّفْنَا فِيهِ مِنَ الْوَعِيدِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ أَوْ يُحْدِثُ لَهُمْ ذِكْرًا

ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز - نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق

تەپسىر

ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋەقەلىكىنى نازىل قىلغانغا ئوخشاش بۇ قۇرئاننى ئوچۇق ئەرەب تېلىدا نازىل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمدە تەھدىد قىلىش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ئازابنىڭ تۈرلىرىنى .بايان قىلدۇق

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ