سۈرە 20 · پارە 16

سورة طه · 20:116

وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ

ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى

تەپسىر

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار دېگەندە، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى. بۇ ۋاقىتتا ئىبلىس گەرچە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزى پەرىشتىلەردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، ئەگەر ئۇ پەرىشتىلەر تىپىدىن بولغان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمايتتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ