سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:75

قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك اﷲ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت اﷲ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»

تەپسىر

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: كىمكى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ يۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقنى زىيادە قېلىۋىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى تىز كەلگەنلىكىنى ئاشكارا كۆرگەندە ياكى قىيامەتكە كېچىكتۈرۈلگەن ئازابنى كۆرگەندە، كىمنىڭ ئورنى ناچار ۋە ياردەمچىلىرى ئاز، ئۆزلىرىنىڭ جامائىتىمۇ ياكى مۆئمىنلەر جامائىتىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىدۇ؟.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ