سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:74
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا
ئۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۇلار مەيلى مال - مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، ئۇلاردىن ئارتۇق ئىدى
تەپسىر
ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ماددى ئىمتىيازدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن كىشىلەردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن كاپىرلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىقتىساد، كېيىم-كىچەك، چىراي-شەكىل ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردا بۇلاردىن ياخشى ۋە گۈزەل ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ