سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:76

وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى ۗ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَرَدًّا

اﷲ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر

تەپسىر

ئاشۇ كاپىرلارغا ئازغۇنلۇقىنى زىيادە قېلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەننىڭ قارشىسىدا، توغرا يول تاپقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھىدايەتنى، ئىماننى، تائەتنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئەمەللەر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھوزۇرىدا مەنپەئەتلىك بولغان مۇكاپات، ياخشى ئاقىۋەت ۋە ئەبەدىيلىك بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ