سۈرە 19 · پارە 16

سورة مريم · 19:38

أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ

ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر

تەپسىر

بۈگۈن يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلارنى نېمە بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرۈدىغان قېلىۋەتتى؟!، ئۇلار كۆردى، كۆرۈشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئاڭلىدى، ئاڭلاشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، لېكىن زالىملار دۇنيادا توغرا يولدىن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئېدى. ئۇلار ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلماي زۇلۇم قىلىپ تۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قىيامەت بولدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ