سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:37
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ مَشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ
ئىسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي!
تەپسىر
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلار ئىختىلاپ قىلىشتى، قەۋمىدىكى كىشىلەر ئىككى پىرقىگە ئۆرۈلدى، بەزىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېدى، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش يەنە بىر پىرقە ئۇنىڭغا كاپىر بولدى، شۇنىڭدەك بەزى پىرقىلەر ھەددىدىن ئېشىپ: ئۇنى ئاللاھ دېدى، يەنە بىر قىسىملىرى: ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئالىدۇر، قىيامەت كۈنىدىكى كاتتا ھېساب ۋە جازا مەيدانىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ .قىلىشقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ