سۈرە 19 · پارە 16
سورة مريم · 19:39
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر
تەپسىر
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلارنى ھەسرەت-نادامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈندە يامان ئىش قىلغۇچى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى يېپىلغان ۋە ھېسابلىرى تاماملانغان، ھەر بىر ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ياشاۋاتقان ھاياتتىن مەغرۇرلانغان، ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ئېدى، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ