سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:43
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَسْتَ مُرْسَلًا ۚ قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِنْدَهُ عِلْمُ الْكِتَابِ
(ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى ۋە اﷲ نىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»
تەپسىر
ئەي مۇھەممەد! كاپىرلار سېنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەمەس دېيىشىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ ھەمدە مېنىڭ سۈپەتلىرىم تىلغا ئېلىنغان ساماۋى كىتابلاردىن مەلۇماتى بولغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ راستلىقىغا گۇۋاھ بولغان كىشىگە ئىنكارچىلارنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ ھېچ زىيىنى بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ