سۈرە 14 · پارە 13
سورة إبراهيم · 14:1
الر ۚ كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن اﷲ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق
تەپسىر
ئەلىف، لام، را، سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا مۇشۇنداق ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان. ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان كەرىم سېنىڭ ئىنسانلارنى كۇپرى، نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىمانغا، ئىلىمگە ۋە ھىدايەتكە، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشىدا مەدھىيەگە لايىق زات ئاللاھ تائالانىڭ يولى بولغان ئىسلام دىنىغا يېتەكلىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ