سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:42

وَقَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ الْمَكْرُ جَمِيعًا ۖ يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ ۗ وَسَيَعْلَمُ الْكُفَّارُ لِمَنْ عُقْبَى الدَّارِ

ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە - مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە –مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر، اﷲ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى - يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ

تەپسىر

ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرىگە ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ، سۇيىقەستلەرنى پىلانلاپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداق سۇيىقەستلەرنى پىلانلىشىپ، زىيانكەشلىك قىلالىدىمۇ؟ ياق. چۈنكى مۇتلەق ئۈنۈملۈك پىلان ئاللاھ تائالانىڭ پىلانىدۇركى، باشقا بىرىنىڭ ئەمەس. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئويلىغان يامانلىقلارنى بىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا شۇنىڭغا قارىتا جازا بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتماسلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك خاتا قىلغانلىقىنى ھەمدە مۇئمىنلەرنىڭ نەقەدەر توغرا قىلغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ جەننەتكە ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ