سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:41

أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ وَاللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِ ۚ وَهُوَ سَرِيعُ الْحِسَابِ

ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىز (يەنى كۇففارلارنىڭ زېمىنىنى قەدەممۇ قەدەم پەتھى قىلىپ، ئىسلام يۇرتىغا قوشۇۋاتقانلىقىمىز) نى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەيۋاتامدۇ؟ اﷲ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر

تەپسىر

بۇ كاپىرلار ئىسلامنىڭ كېڭىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ فەتھى قىلىشى ئارقىلىق زېمىنلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئارىسىدا خالىغىنىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ ھۆكمىنى بۇزۇش ياكى ئۆزگەرتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇركى، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق كىشىلەردىن بىر كۈندىلا ھېساب ئالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ