سۈرە 13 · پارە 13

سورة الرعد · 13:40

وَإِنْ مَا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ

ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا كاپىرلارغا تەييارلىغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتمەكچى بولساق، بۇمۇ بىزنىڭ ئىشىمىز. ياكى بىز ساڭا ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن سېنى ۋاپات تاپقۇزساق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزۈشتۇر. سېنىڭ ئۇلارغا جازا - مۇكاپات بېرىش، ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق، بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ