سۈرە 13 · پارە 13
سورة الرعد · 13:39
يَمْحُو اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ ۖ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ
اﷲ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر
تەپسىر
مەيلى ياخشىلىق، مەيلى يامانلىق بولسۇن، مەيلى بەخت، مەيلى بەختسىزلىك بولسۇن ۋە ياكى باشقا بىر ئىش بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغاننى يوق قىلىپ، خالىغاننى قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھفۇز ئۇنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، بارچە ئىشلار شۇنىڭدا خاتېرىلەنگەن بويىچە يۈز بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۆچۈرۈلۈش ياكى بېكىتىلىش شۇ كىتابتىكى بويىچە بولىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ